باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2023- يىلىغا بارغاندا ياپونىيەدە 5Gلىق خەۋەرلىشىشنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانلاندى

2017.06.08 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك سىمسىز خەۋەرلىشىشنىڭ 5G تېخنىكىسى- يەنى كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد تېخنىكىسى ھېسابلىنىدىغان (5G)نىڭ سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىش رايونى 2023- يىلى پۈتۈن ياپونىيەدە كېڭەيتىلىش مۆلچەرلەندى. بۇ، ياپونىيەدە ئاپتوموبىلنى ئاپتوماتىك ھەيدەشنى ۋە نەرسىلەر ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش سۈرىتىنى تېزلەتكۈسى.

  بۇ ھەقتىكى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2020- يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ياپونىيەدىكى ئۈچ چوڭ سىمسىز ئالاقە تىجارەت سودىگىرى ھېسابلىنىدىغان "دوكومو خەۋەرلىشىش شىركىتى"، "كەتىيە دىئەي شىركىتى" ۋە "يۇمشاق دېتال بانكا شىركىتى" دېگەندەك شىركەتلەر شۇ چاغدا توكيو مەركىزىي شەھەر رايونى قاتارلىق رايونلاردا باشلامچىلىق قىلىپ، ئۇ مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى 5Gلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ھەمدە ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە بۇ خىل تېخنىكىنى پۈتۈن ياپونىيەگە تەدرىجى ھالدا كېڭەيتىشنى پىلانلىغان. يۇقىرىقى بۇ ئۈچ شىركەت پىلان بويىچە 2019- يىلىدىن باشلاپ ئۈسكۈنە ئۈچۈن مەبلەغ سېلىپ، 5G تېخنىكىسىغا قارىتا يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال مۇھىتلىرىنى مۇكەممەللەشتۇرىدىكەن. بۇ مۇھىتلار، مەملىكەت بويىچە ئاساسىي پونكىتنىڭ زاپچاسلىرى، مۇلازىمەتچىلەر ۋە مەخسۇس سىستېما قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سالغان ئومۇمىي مەبلىغى بەش تىرىليون يېن (بىر ئامېرىكا دوللىرى تەخمىنەن 110 يېن) كۆلىمىگە يېتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر