باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى قېتىملىق ئۈرۈمچى-قورغاس-ئاستانا خەلقئارا يولۇچى پويىزىنىڭ قاتنىشى باشلاندى

2017.06.09 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئىيۇن، سائەت 12دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، قورغاس تۆمۈر يول پورتىدىن ئۆتۈپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاستانا شەھىرىگە بارىدىغان 9001-قېتىملىق خەلقئارا يولۇچىلار پويىزى قورغاس پويىز ئىستانسىسىدىن يولغا چىقماقتا. بۇ، قورغاس تۆمۈر يول پورتىدىن ئۆتكەن تۇنجى خەلقئارا يولۇچىلار پويىزى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا، ئالاتاۋ تۆمۈر يول پورتىدىن كېيىن، جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئورتاق ئاچقان 2-تۆمۈريول يولۇچى توشۇش لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ تۆمۈر يول يولۇچى توشۇشتىكى 2-لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلانغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى-قورغاس-ئاستانا خەلقئارا يولۇچى پويىزى ھەر كۈنى قاتنايدۇ، يولغا چىقىدىغان پويىز نومۇرى K9765، جۇڭگونىڭ قورغاس بېكىتىگە كەلگەندە قايتىدىن گۇرۇپپىلىنىپ، پويىز نومۇرى 9001-نومۇرغا ئالمىشىدۇ، ئاندىن 40 مىنۇتتىن كېيىن قازاقىستاننىڭ ئالتۇنكۆل بېكىتىگە يېتىپ كېلىدۇ،يولۇچىلار ئالتۇنكۆل بېكىتىدە قازاقىستاننىڭ پويىزىغا ئالمىشىدۇ، پويىز نومۇرى 701- نومۇرغا ئالمىشىپ، ئالمۇتا، سارى-شاغان، قاراغاندا قاتارلىق بېكەتلەردىن ئۆتۈپ، ئاستانىغا يېتىپ بارىدۇ، ئۈرۈمچىدىن قورغاسقا بېرىپ، ئاندىن قازاقىستاننىڭ ئاستانىغا يېتىپ بارىدىغان تاق مۇساپىگە كېتىدىغان ۋاقىت ئالاتاۋ ئېغىزىدىن ئۆتۈپ ئاستانىغا بارىدىغانغا قارىغاندا سەككىز سائەت قىسقىرايدۇ. يېڭى قاتناش باشلىغان مەزگىلدە، پويىز بەش ۋاگوندىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەممىسى قاتتىق كارىۋاتلىق ۋاگون، جەمئىي 198 كارۋات بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر