باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونىمىزدا ppp بويىچە ئەمەلىي تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

2017.06.08 16:10   مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ppp بويىچە ئەمەلىي تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئىيۇن، مۇددىتى ئۈچ كۈن بولغان ئاپتونوم رايونلۇق ppp بويىچە ئەمەلىي تەربىيەلەش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە، باشقارما، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەم كارخانىلاردىكى ppp مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالاقىدار خادىملاردىن 300دىن ئارتۇق كىشى كۇرسقا قاتناشتى.

  بۇ قېتىملىق ppp ئەمەلي تەربىيەلەش كۇرسىنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسى، شىنجاڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ppp تەتقىقات مەركىزى ياردەملىشىپ ئۆتكۈزگەن.

  تەربىيەلەش كۇرسىدا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى PPPتەتقىقات مەركىزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلىرى PPP ئۆلچىمى، خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش، ئەمەلىي مەشغۇلاتقا يېتەكچىلىك قىلىش، يولغا قويۇش تەرتىپى، تاللاش ۋە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال تەرەپنى تاللاش، PPP ئىجتىمائىي قانۇن ۋە توختام مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا چۈشەنچە بەردى. بۇ ئارقىلىق ھەر قايسى جايلارنىڭ PPP ئەندىزىسى بويىچە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىغا ۋە ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىدە PPP ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىشخانىسىدىن ئىمتىھان مەيدانىغا…
    ·نەزەربايېۋ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تونۇشۇش
    ·56 ياشلىق رۇشەنگۈل ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 4-قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى: ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا ئەڭ قاتتىق ئۇسۇلدا قەتئىي زەربە بېرى…
    ·ئاستانا مەخسۇس دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ باشلىنىش تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە
    ·2017- يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىندى 
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ مېڭىسىنى قۇۋۋەتلەيدىغان دورىلارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىكى كېرەك
    ·شىنجاڭ بۇ يىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا 1-، 2-تۈركۈمى قوشۇۋېتىدۇ
    ·2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 9 مىليون 400 مىڭ ئوقۇغۇچى قاتناشتى
    ·داڭلىق ئۇستازلار تەدبىر كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تولۇپ تاشقان بەدەن قۇۋۋىتى ۋە روھى كەيپىيات بىلەن ئ…