خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 6- كۈنى، كىشىلەر قاتار پايتەختى دوھادىكى سودا سارايلىرىدا يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق كۆپ دۆلەت 5-ئىيۇن قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، تەمىنلەش قىس بولۇش ئەھۋالى يۈز بېرىش ئېھتىمالىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، قاتاردا تالىشىپ سېتىۋېلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈشى قىسقا مۇددەت ئىچىدە قاتاردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، قاتارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاھالىلەرگە ئىشەنچىلىك تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بار، دەپ قارىماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى