باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىشخانىسىدىن ئىمتىھان مەيدانىغا قەدەر تولۇق مۇساپىلىك نازارەت قىلىنىدۇ

2017.06.08 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزى شەك-شۈبھىسىز ئەڭ مەخپىي ساقلىنىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، دۆلەتنىڭ مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالى قانداق قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ھەرقايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرى، ئىمتىھان مەيدانىغا يېتىپ بارىدۇ؟ 7-ئىيۇن، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىق ج خ ئىدارىسى تەڭرىتاغ رايونلۇق تارماق ئىدارىسى شەرقىي قوۋۇق (دۇڭمىن) ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى گۇ فېينىڭ ھەمراھلىقىدا سوئالنى مۇھاپىزەت قىلىپ يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق جەريانىنى ھېس قىلدى.

  سۈرەتتە: 7-ئىيۇن سائەت 7دىن 07 مىنۇت ئۆتكەندە، خىزمەتچى خادىملار ئىمتىھان سوئالىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىغا يەتكۈزمەكتە.

  ئائىلىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچى بولسا، سوئال مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بولمايدۇ

  شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئائىلىسىدە ياكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچى بار بولغان ساقچىلار سوئالنى مۇھاپىزەت قىلىپ يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ.

  پۈتۈن مۇساپىدىكى يۈرۈش-تۇرۇشى GPS ئىز قوغلاش سىستېمىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇلىدۇ

  شۈ جياڭ بىلەن بىر مۇئەللىم بىرلىكتە ئىمتىھان سوئالى سېلىنغان خالتىنى كۆتۈرۈپ، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىشخانىسىغا ئېلىپ كەلدى، تولۇق قوراللانغان ساقچى گۇ فېي ئىزچىل ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭدى. شۈ جياڭ مۇنداق دېدى: ئىمتىھان سوئالى ئىمتىھان ئېلىنىشنىڭ ئالدىدا ئىمتىھان مەركىزىنىڭ ئىمتىھان سوئالى ئامبىرىدىن يۆتكەپ چىقىلىپ، ئىمتىھان نۇقتىسىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئاندىن ئىمتىھان نۇقتىسىدىن ئىمتىھان مەيدانىغا يەتكۈزۈلىدۇ، پۈتۈن جەرياندا بىر يۈرۈش قاتتىق تەدبىر قوللىنىلىدۇ، پەقەت ئىمتىھان سوئالىنى قوغداپ يەتكۈزۈشنىڭ ئۆزىنى خەلق ساقچىسى، مۇئەللىم، ئىمتىھان نازارەتچىسى، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمى خادىمىدىن ئىبارەت نەچچە كىشى بىرلىكتە ئىجرا قىلىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن جەرياندىكى يۈرۈش-تۇرۇشى GPS ئىز قوغلاش سىستېمىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇلىدۇ.

  تاماق يېگەندىمۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىشخانىسىدىن ئايرىلمايمىز

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىككى كۈن بۇرۇنلا، گۇ فېي ئىمتىھان نۇقتىسىدىكى ئامانلىقنى قوغداش تارماقلىرى بىلەن ئۇچراشقان، ئىمتىھان كۈنى سائەت نەچچىدە يولغا چىقىش، قانداق نەرسىلەرنى ئېلىۋىلىشقا ئوخشاش ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ياخشى مۇزاكىرىلىشىپ، بىخەستىلىك قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان.

  گۇ فېي مۇنداق دېدى: ئىمتىھان سوئالى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، بىز يەنە قايتمايمىز، چۈشتىن بۇرۇنقى ئىمتىھان ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە سوئالنى قوغداپ، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئېلىپ بارىمىز. ئۇندىن كېيىن چۈشتىن كېيىنكى ئىمتىھان سوئالىنى ئېلىپ قوغداپ، ئىمتىھان نۇقتىسىغا ئېلىپ كېلىمىز، ئارىلىقتا تاماقنىمۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۆيىدە يەيمىز، ئايرىلىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر