باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قازاقىستان تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

«جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە ئارزۇنى قاناتلاندۇرايلى»

2017.06.08 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا «قازاقىستان ھەقىقەت گېزىتى»دە «جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە ئارزۇنى قاناتلاندۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  6- ئاي كىرىشى بىلەن تەبىئەت تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىردى. مۇشۇنداق گۈزەل پەسىلدە، زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قازاقىستاندا ئۈچىنچى قېتىم زىيارەتتە بولماقچىمەن ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى ۋە ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشماقچىمەن. قازاقىستاننىڭ بىپايان گۈزەل ئوتلاقلىرى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريالىرى، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلىرى، قىزغىن ۋە سەمىمىي خەلقى مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانىدى، مەن بۇ گۈزەل تۇپراققا قايتا قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، قەلبىم نۇرغۇن ئارزۇ- ئۈمىدلەرگە تولدى.

  بۇ يىل جۇڭگو- قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. بىر ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا تەڭ مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتى ۋاقىت ۋە خەلقئارادىكى بوران- چاپقۇنلارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقىچە، شۇنداقلا مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى ۋە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقىچە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

  − جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى. ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە يېقىندىن ماسلاشتى ۋە ھەمكارلاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر