خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇن ئاستانىدە ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئافغانىستان مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلىنىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت ھەرقايسى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى كۆپەيدى، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق چوڭقۇرلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو – ئافغانىستان ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلامدىكى ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا زىيارىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. «<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى» قاتارلىق ئەمەلىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئافغانىستاننىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، ئافغانىستاننىڭ ئالاقىدار ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى