6-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىران پايتەختى تېھراندا، ساقچىلار ئىران پارلامېنتى ئەتراپىدىكى كوچىنى قامال قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران پايتەختى تېھراندىكى ئىران پارلامېنت بىناسى ۋە تېھراننىڭ جەنۇبىدىكى مەرھۇم ئەڭ ئالىي داھىي ھۇمەينى مەقبەرىسى سىرتىدا 7-ئىيۇن ئايرىم-ئايرىم تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ ئىككى قېتىملىق ۋەقەدە ئاز دىگەندە 13 ئادەم قازا قىلدى، 43 ئادەم يارىلاندى، دېيىلدى.
ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، تېررورلۇق يەر شارى بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى، دېدى. ئۇ: «تېررورلۇق يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇپ قالدى، رايونلار ۋە پۈتۈن دۇنيا بىرلىكتە زەربە بېرىشى كېرەك»، دېدى.
ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف: بۇ خىل «پەرقسىز» تېررورلۇق ھۇجۇمى ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيادىكى باشقا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا، دېدى. ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنى رايونلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
ئىران ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە قاتناشقان ئىرانلىقلار ئىكەن. بۇ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھۇجۇم قىلغۇچىلار «ئىسلام دۆلىتى»گە قاتناشقان بولۇپ، سۇرىيە ۋە ئىراقتا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىكەن. يېقىنقى مەزگىلدە «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ يۇقىرىقى رايونلاردا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار ئىرانغا قايتىپ كېلىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى