باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ساھەسىدە ئاكتىپ تەدبىر قوللانغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى

2017.06.08 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئىيۇن، گابون بىلەن گېرمانىيە تەشەببۇس قىلىپ ئۆتكۈزگەن «ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر قانۇنسىز سودىسىغا زەربە بېرىش» يۇقىرى دەرىجىلىكلەر پائالىيىتىدە جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، باش ئەلچى ليۇ جېيى تەكلىپكە بىنائەن باش تېمىلىق سۆز قىلدى. باش ئەلچى ليۇ جېيى جۇڭگونىڭ ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش، ئالاقىدار ساھەدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى.

  ئېكۋاتور گۋېنىيىسى، گابون، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر جۇڭگونىڭ ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ساھەسىدە ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، مەملىكەت ئىچىدە پىل چىشى ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملارنى سودا خاراكتېرىدە پىششىقلاپ ئىشلەپ سېتىشنى توختىتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى تېخنىكا ئەسۋابى بىلەن تەمىنلەپ،خادىملارنى تەربىيەلەپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رەھبەرلىك رول ئوينىغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر