خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئىيۇن «خەلق» سارىيىدا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بروۋن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ تېز ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە زور مەنپەئەت يەتكۈزدى، شۇنداقلا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو تىنچ، ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىياتتا، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرىدىغان ساھەلىرى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى