باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 8- نۆۋەتلىك پاكىز ئېنېرگىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ۋە 2- نۆۋەتلىك يېڭىلىق يارىتىش بۇرچى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.06.08 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8- نۆۋەتلىك پاكىز ئېنېرگىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ۋە 2- نۆۋەتلىك يېڭىلىق يارىتىش بۇرچى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە، مەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى مىنىستىرلار،خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار، كارخانىچىلار قاتارلىق ئەزىز مېھمانلارنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن.

  پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش − ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. بۇ قېتىم ئېچىلغان ئىككى مۇھىم يىغىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا پائال ئىنتىلىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.

  جۇڭگو پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پائال ئۈنۈمگە ئېرىشتى. جۇڭگو بايلىقنى تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  يىغىننىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېڭەيتىشكە بولغان تونۇش ۋە تەجرىبىلەردىن بەھرىمەن قىلىپ، دۇنيانىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى شى جىنپىڭ

  2017- يىلى 6-ئاينىڭ 7- كۈنى

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  (خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر