خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، باي ناھىيەسى مىچىخ يېزىسى شىرغاتاي كەنتىنىڭ يىغىن زالى بۆلەكچە قىزغىن كەيپىياتقا تولغان بولۇپ، بۇ كەنتتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار نامرات ئائىلىلەردىن 15 دېھقان-چارۋىچى بىلەن باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى، كۇتۇپخانا، گۈزەل سەنئەت سارىيىدىكى 14 كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» جەم بولۇش تامىقىنى بىرلىكتە يېيىشكەچ، تۇغقانلاشقانلار ئۆزئارا تونۇشۇپ ۋە سىردىشىپ، بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ ۋە تېلېفون نومۇرلىرىنى قالدۇرۇرۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھىر-مۇھەببىتىدىن تەڭ ھۇزۇرلاندى. 15 دېھقان-چارۋىچى، باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى، كۇتۇپخانا، گۈزەل سەنئەت سارىيىدىكى «تۇغقان»لىرى ئېلىپ كەلگەن قەنت-گېزەك، چاي، شېكەر، ھەسەل قاتارلىق تونۇشۇش سوۋغىتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، تۇغقانچىلىق رىشتىگە ئىشەنچ تۇرغۇزدى.
پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۈلقىز رازاق سۆز قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى، كۇتۇپخانا، گۈزەل سەنئەت سارىيىدىكى كادىر، خىزمەتچىلەر بىلەن تۇغقانلىشىپ، تەڭ ئالغا بېسىپ، نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. بۇ بىر قېتىملىق جەم بولۇش تامىقى كادىرلار بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، كەنتتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى، كۇتۇپخانا، گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ باشلىقى جۇ شۆجۈن مۇنداق دېدى: شىرغاتاي كەنت كومىتېتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر خىزمەتلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، كەڭ قورساق بولۇپ، خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئىتتىپاقلىق-ئىناقلىق قۇرۇلۇشى ۋە گۈللەنگەن، باي، مەدەنىيەتتە تەرەققىي قىلغان گۈزەل باي ناھىيەسىنى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ،ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياردەمدە بولىمىز». (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز قەھرىمان روزى، ئادالەت ئەيسا)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى