باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈننەندە پۇقرالار قان تەقدىم قىلسا، ئۇلارغا قان تەقدىم قىلىش ئارام ۋاقتى بېرىلىدىكەن

2017.06.07 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈننەن ئۆلكىسى سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە: يېقىندا يۈننەن ئۆلكىسى ئوتتۇرىغا قويغان «ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، قان تەقدىم قىلغان كىشىلەرنى ئۇلار تۇرۇشلۇق ئىش ئورۇنلىرى قوللاپ قۇۋەتلىشى، قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن چوقۇم مۇۋاپىق تاماق، قاتناش تولۇقلىمىسى ۋە بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچە قان تەقدىم قىلىش ئارىمى ۋاقتى بېرىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.

  مەزكۇر «پىكىر»دە تەلەپ قىلىنىشىچە، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى بۇ ئىشقا قازغىن بولۇشى، مەمۇرىي رايونلارنىڭ ئىچىدىكى قان ئېلىش-تەمىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كىلىنىكىدا قان ئىشلىتىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشى، ھەمدە ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ساغلاملىق تەربىيەسىنى شۇ دەرىجىلىك ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى تۈرىگە كىرگۈزۈشى كېرەك ئىكەن. تەرەققىيات-ئىسلاھات ۋە مالىيە تارماقلىرىمۇ قان ئېلىش-تەمىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى كۈچەيتىشى، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە يېڭىلىشى، ھەمدە قان ئېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك ئىكەن. شەھەر پىلانلاش تارماقلىرى ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ۋە ئېلىش ئۆيلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلۇشىنى پائال تۈردە قوللىشى كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر