باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ مېڭىسىنى قۇۋۋەتلەيدىغان دورىلارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىكى كېرەك

2017.06.07 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش مەزگىلىدە ئۇلارغا تۈرلۈك ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاشقا باشلىدى. دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلىش ھەققىدە ئەسكەرتمە چىقىرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز ئەزەلدىن مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەر قانداق ساغلاملىق يېمەكلىكىنى تەستىقلاپ باقمىغان، بازارلاردىكى ئاتالمىش «مېڭىنى قۇۋۋەتلەش» ئىقتىدارىغا ئىگە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىدە ئىستېمالچىلارنى خاتا يېتەكلەش قىلمىشى مەۋجۇت.

  دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىرغىچە، ئېلىمىز 27 خىل ساغلاملىق يېمەكلىكىنىڭ ساغلاملىققا پايدىلىق ئىقتىدارىنى ئېلان قىلغاندا، ئۇلارنىڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى جاكارلىمىدى، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى ۋە تەجرىبە توپلىشىدىن سىرت، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان شىپالىق دورا يوق، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاتالمىش مېڭىنى قۇۋۋەتلەش مەھسۇلاتلىرىغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىكى كېرەك.

  دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى-ئالاھىدە يېمەكلىكنىڭ بىر خىلى، ئۇنى دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، يېمەكلىك تەشۋىقاتى-كېسەللىكتىن ساقلىنىش، داۋالاش رولىغا چېتىلماسلىقى كېرەك دەپ ئەسكەرتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر