باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى: ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا ئەڭ قاتتىق ئۇسۇلدا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك

2017.06.08 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-ئىيۇن 2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىرى چېن باۋشېڭ ئىمتىھان باشلىنىشتىن بۇرۇن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت مائارىپ ئىمتىھان ئىشلىرى قوماندانلىق مەركىزىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرگەن. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ ۋە تەستىق سېلىپ، مۇئاۋىن زۇڭلى ليۇ يەندۇڭ بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. جايلار، تارماقلار كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تىنچ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  چېن باۋشېڭ تىنچ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئەڭ قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق ئىمتىھان بىخەتەرلىكىگە زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىخەتەرلىك بىرىنچى تەلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان سوئالى، قەغىزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىمتىھان جەريانىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئەڭ قاتتىق ئۇسۇل بىلەن ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ تەڭ تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەپ، ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىمتىھان ئىستىلى ۋە ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ساختىلىق قىلىش ۋە كوللېكتىپ كۆز بويامچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئەڭ ئەستايىدىل ئىستىل بىلەن ئىمتىھان مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تېخىمۇ ئىنسانىي ئىمتىھان مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، مېيىپ ئوقۇغۇچى قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ئىنسانىي غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالاقىدار جايلار ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ناچار ھاۋا رايىنىڭ ئىمتىھانغا تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. تۆتىنچى، ئەڭ پۇختا تەرتىپ بىلەن ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى، ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈشنىڭ ئادىل، بىخەتەر، ئىلمىي، قېلىپلاشقان ۋە توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەتنى خاتىرجەم قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر