باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاستانىگە يېتىپ بېرىپ، قازاقىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2017.06.08 15:19   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئاستانىگە يېتىپ بېرىپ، قازاقىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئاستانىگە يېتىپ بېرىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى، ئۇ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنىغا ۋە ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 7 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئاستانا خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىققاندا قازاقىستاننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئاسقار مامىن قاتارلىقلار ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. شۇ جايدىكى ياشلار شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئوتقاشتەك پاياندازنىڭ ئىككى يېنىغا رەتلىك تىزىلىپ قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ قازاقىستان خەلقىگە جۇڭگو خەلقىنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، دوستانە قوشنا دۆلەتلەردۇر، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى سىجىل چىڭىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى. جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي پايدا يەتكۈزدى. بۇ، مېنىڭ قازاقىستاننى ئۈچىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشىم، زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ بىلەن بىللە جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، جۇڭگو-قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك-ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ئىشلىرى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ھەم رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كېڭىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى: ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا ئەڭ قاتتىق ئۇسۇلدا قەتئىي زەربە بېرى…
    ·ئاستانا مەخسۇس دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ باشلىنىش تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە
    ·2017- يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىندى 
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ مېڭىسىنى قۇۋۋەتلەيدىغان دورىلارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىكى كېرەك
    ·شىنجاڭ بۇ يىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا 1-، 2-تۈركۈمى قوشۇۋېتىدۇ
    ·2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 9 مىليون 400 مىڭ ئوقۇغۇچى قاتناشتى
    ·داڭلىق ئۇستازلار تەدبىر كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تولۇپ تاشقان بەدەن قۇۋۋىتى ۋە روھى كەيپىيات بىلەن ئ…
    ·خەنزۇچە ۋە "جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى" دېگەن بۇ ئىككى دەرس چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەزمەن ئۆگىنىدىغ…
    ·2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلىنىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىمتىھا…
    ·«ئاخىرقى قېتىملىق» ئەدلىيە ئىمتىھانى 9-ئايدا ئېلىنىدۇ