باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارىژ بۈۋىمەريەم چېركاۋى ئالدىدا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

2017.06.07 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە «لې فىگارو گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 6- چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، پارىژ مەركىزىگە جايلاشقان پارىژ بۈۋىمەريەم چېركاۋى ئالدىدىكى مەيداندا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بىر ئەر بولقا بىلەن ئەتراپتىكى ئامانلىق ساقلاش ساقچىلىرىنى ئۇرماقچى بولغان، ئارقىدىنلا ئۇ كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن تىزگىنلەنگەن، ئۇ ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كۆكرىكىگە ئوق تەككەن بولۇپ، ھازىر يارىسى ئېغىر ئىكەن. فىرانسىيە ئالاھىدە ساقچىلىرى نەق مەيدان ئەتراپىدىكى كوچىلارنى قامال قىلغان بولۇپ، تەخمىنەن 900 نەپەر ساياھەتچىنى پارىژ بۈۋىمەريەم چېركاۋى ئىچىدە ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن. ئۇنىڭدىن مەقسەت ئۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇ جىنايەتچىگە شىرىك جىنايەتچىنىڭ بار-يوقلىقىنى ئىزدەپ كۆرمەكچى ئىكەن. ھازىر پارىژ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارمىقى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر