باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەنلەر دۆلەت تەۋەلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى

2017.06.06 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 5-ئىيۇن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئەگەر ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۈركىيەلىك دىنىي زات گۈلەن ۋە باشقا 129 نەپەر قېچىپ يۈرگەنلەر ئۈچ ئاي ئىچىدە تۈركىيەگە قايتمىسا، ئۇلار تۈركىيە دۆلەت تەۋەلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. گۈلەندىن باشقا، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە خەلق دېموكراتتىك پارتىيەسىدىن چىققان ئىككى پارلامېنت ئەزاسىمۇ قېچىپ يۈرگەنلەر قاتارىدا بولۇپ، ئۇلار تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ ئەيىبلەنگەن، ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار ياۋروپادا تۇرۇۋېتىپتۇ.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتىكى قېچىپ يۈرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇلتۇر 7-ئايدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە چېتىشلىق ياكى تۈركىيە دائىرىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتلار قاتارىغا كىرگۈزگەن «گۈلەن ھەرىكىتى» ۋە كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ شىكايەت قىلىنغان.

  بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچىدە، تۈركىيەدە تۇيۇقسىز ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، 249 كىشى قازا قىلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى گۈلەن ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلغان «گۈلەن ھەرىكىتى»نى پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى، دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ گۈلەننى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى تەكشۈرۈش ۋە تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر