باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ياپونىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.06.07 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 6- ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»غا ئالاقىدار ئىپادە بىلدۈرگىنىگە دىققەت قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە پايدىلىق، ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئابى شىنزو 5- ئىيۇن: «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى تولۇق كىرگۈزۈش ئاساسىدا، تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن رايونلارنىڭ ئەركىن، ئادىل ئىقتىساد چەمبىرىكى بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. ئالاقىدار خەلقئارا ئورتاق تونۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئوچۇق، ئادىل سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇش، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەرگە ئېچىۋېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياپونىيە تەرەپ يۇقىرىقى بىر قانچە نۇقتىدىن چىقىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى چۆرىدەپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، دەپ بىلدۈرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئابى شىنزونىڭ بۇ ئىپادە بىلدۈرۈشى بەلكىم ئۇنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بولۇشى مۇمكىن.

  خۇا چۈنيىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە، جۇڭگو باشتىن ئاخىر يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئادىل، مۇۋاپىق، ئاشكارا بولغان خەلقئارا ئىقتىساد- سودا- سېلىنما قائىدىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دەل مۇشۇ روھ بويىچە، جۇڭگو نۇرغۇن دۆلەت بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ئەمەلىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىق پىلانى ۋە كونكرېت تۈرلەرنى قانات يايدۇردى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: « «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇھىم خەلقئارالىق ئاممىۋى مەھسۇلات، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات سۇپىسى، ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە پايدىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەر باراۋەر قاتناشقۇچى، تۆھپە قوشقۇچى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىلەردۇر. جۇڭگو تەرەپنىڭ قارىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى جۇڭگو- ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق، ئورتاق تەرەققىيات يېڭى سۇپىسى ۋە «تەجرىبە ئېتىزى» بولالايدۇ، ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ: «بىزمۇ ياپونىيە تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئارزۇسى ھەرىكىتىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر