- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ بىلەن نەزەربايېۋ سۈرەتلەر توپلىمى نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى
2017.06.07 14:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى جۇڭگو-قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ يېقىندا «گۈزەل جۇڭگو-گۈزەل قازاقىستان-يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى‹پارلاق يول›بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى» ناملىق سۈرەتلەر توپلىمى نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى.
شى جىنپىڭ نۇتقىدا مۇنداق دېدى: 2017-يىلى جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، قازاقىستان تۇنجى قېتىم «جۇڭگو ساياھەت يىلى» ئۆتكۈزدى. جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىشىپ نەشر قىلغان «گۈزەل جۇڭگو-گۈزەل قازاقىستان-يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى‹نۇرلۇق يول›بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى» ناملىق سۈرەتلەر توپلىمى ئىككى دۆلەتنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبىئەت، ئادىىمىيەت مەنزىلىرىنى دۇنياغا نامايان قىلىش، جۇڭگو-قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر