باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى

ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاتالمىش "مېڭىنى قۇۋۋەتلەش-ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى"غا ئىشەنمەسلىك كېرەك

2017.06.07 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېتىپ كەلدى، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى ئېلىپ بېرىدۇ، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدىكى، قىسقا ۋاقىتتا ئەقلىي ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان «خىسلەتلىك دورا» ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان مەھسۇلاتلارغا ئىشەنمەسلىك كېرەك.

  يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە ھازىر بار بولغان 27 خىل ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى جاكارلىغاندا، ئۇلارنى «مېڭىنى قۇۋۋەتلەش» ئىقتىدارى بار، دەپ جاكارلىمىغان، ئېلىمىز ئەزەلدىن ھەرقانداق «مېڭىنى قۇۋۋەتلەش»تەك ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ساغلاملىق يېمەكلىكلەرنى تەستىقلاپ باقمىغان، بازاردا سېتىلىۋاتقان ئاتالمىش «مېڭىنى قۇۋۋەتلەش» ئىقتىدارىغا ئىگە دېگەن ساغلاملىق يېمەكلىكلەردە ئىستېمالچىلارنى خاتا يېتەكلەش قىلمىشى مەۋجۇت.

  ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئالاھىدە بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنى دورىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، يېمەكلىكلەرگە (ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان تەشۋىقاتلاردا، ئۇلارنى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولى بار، دەپ تەشۋىق قىلىپ چېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. قانۇن بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇلمىغان ياكى ئەنگە ئالدۇرۇلمىغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇنداق يېمەكلىكلەردە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەر مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.

  ئاتا-ئانىلار، بالىلىرى ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا بالىلىرىغا ساغلاملىق يېمەكلىك سېتىۋالغاندا، بىرىنچىدىن، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ئورالمىسى ئۈستىدە ساغلاملىق يېمەكلىكىنىڭ بەلگىسى ۋە تەستىق نومۇرىنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ئورالمىسىدا ئۇنى ئىشلەپچىقارغان كارخانىنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ئىجازەتنامىسى نومۇرىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامە نومۇرىنى ئادەتتە كارخانا تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلارنىڭ تور بېكىتىدىن ئىزدەپ، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، رويخەتكە ئېلىنغان ۋە ئەنگە ئېلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ساغلاملىق ئىقتىدارىنى تاللاش كېرەك، ھەرگىزمۇ قالايمىقان ئىشىنىشكە ۋە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر