باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017- يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىندى

ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى داۋاملىق ئاشماقتا

2017.06.07 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو مائارىپ لىنىيەسى يېقىندا 2017- يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ 10 نەچچە يىلغا سوزۇلغان تۆۋەن پەللىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىپ، ئەسلىگە كېلىپ ئېشىشنى باشلىماقتا. ئەمما ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي مىقدارى مۇقىم بولغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى داۋاملىق ئۆسۈپ، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يەنىمۇ كىچىكلەپ، ئۆرلەپ ئوقۇش زىددىيىتى يەنىمۇ پەسىيىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ۋە ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتى ئۈچۈن پائال تاشقى مۇھىت بىلەن تەمىنلەنمەكتە.

  دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى % 40دىن ئاشقان بولۇپ، %50 ئىلىمىنى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچ سىزىقىغا تېز يېقىنلاشماقتا. ھازىر ئالىي مائارىپنىڭ ئەھۋالى سېتىۋېلىش دەۈرىدىن سېتىپ بېرىش دەۋرىگە ئالماشقان دەۋردە تۇرماقتا. قىسمەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلەردە بىرقەدەر گەۋدىلىك بولماقتا. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەندۇڭنىڭ قىسمەن ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرستىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرگە بىر يول كۆرسەتكۈچ بولدى. يەنى، ئالىي مەكتەپلەردىكى رىقابەتتە، سۈپەتتىمۇ بىرىنچى، ئالاھىدىلىكتىمۇ بىرىنچى بولۇش تەرغىپ قىلىنماقتا.

  بۇ يىل، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېڭى ئىسلاھاتى رەسمىي باشلاندى. ئۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە مەكتەپلەرنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشكىمۇ تۈرتكە بولماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر