باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر «چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش 13-بەش يىللىق پىلانى»غا ئىزاھات بەردى

2017.06.07 15:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاش ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى»نى ئېلان قىلدى. مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى بۇ مۇھىم مەخسۇس پىلاندا قانداق يېڭى يارقىن نۇقتىلار بار؟ مۇخبىر يېقىندا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، پىلانغا مەسلىھەت بېرىش، دەلىللەشكە قاتناشقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىلان ھەققىدىكى ئىزاھاتىنى ئېگىلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىدىن ئەمدىلا بوشانغان لو لىمىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ پىلاندا ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، گۈللەنگەن، مۇقىم، ئىناق چېگرا قۇرۇپ، چېگرا رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايونلارنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى بولدى.

  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لې چاڭخوڭ مۇنداق دەپ قارىدى: پىلاندا، چېگرا رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاش گەۋدىلەندۈرۈلدى. ھەم چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تۈرلۈك مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلەر داۋاملاشتۇرۇلدى ھەم يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن، تولۇقلاپ تەڭشەلدى، بولۇپمۇ ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنىڭ بىر قىسمى تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە كونكرېت قىلىنىپ، چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى بىلەن ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ-مەركەزنىڭ چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنىڭ تېخىمۇ زورايغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  پىلاننى دەلىللەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرىدا تەڭكەش يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ياڭ شېڭمىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، پىلاننىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ئېنىق، نىشان، ۋەزىپىسى ياراملىق، خېلى كۈچلۈك يېتەكچىلىك، قاراتمىلىق، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تارىخى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى شېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى-پىلانلىق، تەشكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك، يۆلەش ۋە سېلىنما سالمىقى ناھايىتى زور بولغان دۆلەتنىڭ چېگرا رايون سىستېما قۇرۇلۇشى، بۇ پىلاندىكى چېگرا رايوننىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالتە چوڭ ۋەزىپە ھەم 34 بالا تۈر قۇرۇلۇشى-13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ چېگرا رايون تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، پىلاننى تېخىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىققا ئىگە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر