سۈرەتتە: كەنت ئاھالىلىرى دورا ساندۇقلىرىنى تاپشۇرۇۋالماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كەنت «ئىككى كومتېت» ئەزالىرى بىللە دېھقانلارغا «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش دورا ساندۇقى» تارقاتتى .
«ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش دورا ساندۇقى »نىڭ ئىچىدە قوش تىلدا داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ساغلاملىق بىلىملىرى قوللانمىسى، زۇكام دورىسى، تېرمومېتىر، تېز ئۈنۈملۈك يۈرەك دورىسى ، يود ، پاختا ، دورىلىق چاپلاق قاتارلىق ئۆيلەردە زاپاس ئىشلىتىدىغان دورىلار بار بولۇپ، ئاقسۇ شەھەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىدىن ئايكۆل بازىرى چاغناق يېزىسىغا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ھەم شۇجىسى شيا جى دېھقانلارغا ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت دوختۇرىنى تەكلىپ قىلىپ، نەق مەيداندا دېھقانلارغا دورىلارنىڭ ئىشلىتلىش، ساقلاش ئۇسۇللىرىنى چۈشەندۇرۇپ قويدى ھەمدە دېھقانلارغا دورىلارنىڭ ساقلاش مۇددىتىگە دىققەت قىلىشنى ۋە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشنى ئەسكەرتتى .
قاراتال بازارلىق يۇقارقى بوزچى كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ھەمدۇللا ئىسمائىل ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز ھەقسىز «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش دورا ساندۇقى » ئالدۇق ، بۇ دورا ساندۇقى ھەم چىرايلىق ، ھەم ئىشلىتىشچان بولۇپ، ئىچىگە دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلار قاچىلىنىپتۇ ، ئىشلىتىش بەك قولايلىقكەن ، كەنت دوختۇرى نەق مەيداندا ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى بىزگە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويدى . ئايالىمنىڭ يۈرەك كېسىلى بار ئىدى، دورا ساندۇقىنىڭ ئىچىدە تىز ئۈنۈملۈك يۈرەك دورىسىمۇ بار ئىكەن ، ئەمدى كەچ ۋاقتىلىرى خاتىرجەم ئۇخلايدىغان بولدۇم . بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىز دېھقانلارغا قىلغان غەمخورلۇقى ، بىز چوقۇم ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ ، بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئورتاق قوغداپ ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز».
قارتال بازىرى تۆۋەنكى چاغناق كەنتىدىكى 85 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئەيسا موللاق كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان ھالدا: «پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى ، مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم ، پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.»
قارتال بازىرى سات كەنتىدىكى دېھقان ھاۋاخان ئەلى : « بۇ كىچىك دورا ساندۇقى بىزگە بەك قولايلىق ئەكەلدى ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممىسى ئۆيدە دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلار ئىكەن، پارتىيە، ھۆكۈمەت بىزگە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ بۇ ياخشى سىياسەتلەرنى بىزگە ئەكەلگەنلىكىگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن » دېدى. (ئاقسۇ شەھەرلىك «ئۈچ ئەل» ئىشخانىسىدىن ئالمىرە ئۆمەر)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى