باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاپ سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئىكولوگىيە، تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈلدى

10 مىليارد كۇبمېتىرغا يېقىن سۇ ئارقىلىق 100 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى

2017.06.06 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭنىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى يەنە ئۆرلىدى! 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بېيجىڭ پىڭيۈەن رايونىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ يۈزى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.36 مېتىر ئۆرلىگەن، بۇ 2015- يىلى 7- ئايدىن بۇيانقى داۋاملىق ئۆرلەش ھېسابلىنىدۇ، بۇ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلىغانلىقنىڭ مەھسۇلى. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاپ، شىمالنىڭ سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. 6- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشتىكى شەرق ئوتتۇرا لىنىيەسى 1- قارار قۇرۇلۇشىدا شىمالغا 9 مىليارد 920 مىليون كۇبمېتىر سۇ باشلانغان بولۇپ، بۇ شىمالغا 690 شىخۇ كۆلىنىڭ سۈيىگە تەڭ سۇنى باشلىغان بىلەن تەڭ. سۇ باشلاش لىنىيەسى سۇ تەمىناتىدىكى «ھاياتلىق لىنىيەسى بولۇپ قالدى، سۇ يەتكۈزۈلگەن رايونلار بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، خېنەن، جياڭسۇ، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى 33 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەردىكى 100 مىليوندىن ئارتۇق كىشى مەنپەئەتلەندى؛ سۇ باشلاش لىنىيەسى يېشىل «ھاياتلىق لىنىيەسى» بولۇپ قالدى،لىنىيە بويىدىكى بۇلغىنىشنى تۈزەش تېزلىتىلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدى. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشتىن ئىبارەت سۇ بايلىقىنى ياخشى تەقىسملەشتەك زور ئىستىراتېگىيەلىك ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ئېكولوگىيە جەھەتتە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  مىڭ چاقىرىملاپ يىراق جايغا سۇ باشلاش ئاسان ئەمەس. دۇنيادا ئەڭ چوڭ سۇ يەتكۈزۈش نورى، تۇنجى قېتىم تەشمە قېزىپ خۇاڭخې دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈلدى... جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشتا نەچچە يۈزمىڭ قۇرۇلۇشچى پولاتتەك ئىرادە تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىپ، بىرمۇ بىر دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.دەنجياڭكۇ دامبىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى، بەش يىلغىچە قۇيۇلغان بېتۇننىڭ تېمپېراتۇرىسىدا ئىزچىللىق ساقلاپ كېلىندى؛ «كاناي»دىن ئۆتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا، 3 كىلومېتىر توغرىسىغا تەشمە قېزىشتىكى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش خاتالىق پەرقى 50 سانتىمېتىرغىمۇ يەتمىگەنىدى؛«قۇرۇلۇش راك كېسىلى» توپىنىڭ كۆپىۋىلىشىنى تۈزەشتە، لاي ئازگىلىدا ئۇچ يىل تەجرىبە ئىشلەندى... 63 تۈرلۈك يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تېخنىكا، 110 تۈرلۈك دۆلەت ئىچى پاتېنتى بارلىققا كەلدى، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشتا «جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى»دىن پايدىلىنىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر