باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى: قىمار ئويناشقا چېتىشلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى مەخسۇس تۈزەش كېرەك

2017.06.06 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئويۇن ئوينايدىغان كۆڭۈل ئېچىش بازىرىنىڭ تىجارەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، جايلاردىكى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەدەنىيەت بازار ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرىدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بۇ جەھەتتە مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئويۇن ئوينايدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىكى قائىدىگە خىلاپ ئويۇنلار ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىكى قىمار ئويناش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك.

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەدەنىيەت بازىرى مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تۈزەشنى كۈچەيتىشتە، قىمار ئويناشنى تەرغىپ قىلىدىغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدىكى ئويۇنلار ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرىنى، ھەمدە تىجارەت ئىجازەتنامىسى يوق ھالدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئويۇن كومپيۇتېرى زالى ئېچىۋېلىپ ئويۇن ئويناپ كۆڭۈل ئېچىشتەك تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سورۇنلارنى مەخسۇس تۈزەش نۇقتىسى قاتارىغا كىرگۈزمەكچى ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، جايلاردىكى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەدەنىيەت بازىرى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى قاتتىق بولۇپ، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمىگەن ئويۇن مەزمۇنلىرىنى ۋە قىمار ئويناشنى تەرغىپ قىلىدىغان ئويۇن ئويناش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سورۇن ھازىرلاپ ئويۇن ئويناش ۋە كۆڭۈل ئېچىشتەك تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان سورۇنلارنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تاقاپ، ئويۇن ئوينايدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىكى قىمار ئويناش قىلمىشلىرىنى ج خ ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئويۇن ئوينايدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كەلگەن ئادەملەرنى قىمار ئويناش شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەن سورۇنلارنىڭ «كۆڭۈل ئېچىش تىجارەت ئىجازەتنامىسى»نى قانۇن بويىچە بىكار قىلىشى كېرەك.

  ھازىرغا قەدەر، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىگە سېلىنغان قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى 100مىڭدىن ئاشقان، ئويۇن ئوينايدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىن تەكشۈرۈلگىنى 38 مىڭغا يەتكەن، 355 دېلو بېجىرىلگەن، 76 سورۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ تاقالغان، 26 سورۇن تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇتۇلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئويۇن ئوينايدىغان كۆڭۈل ئېچىش بازىرىنى تۈزەشنى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىمار ئويناشقا چېتىشلىق ئويۇن ئوينايدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى نۇقتىلىق تۈزەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئويۇن ئوينايدىغان كۆڭۈل ئېچىش بازىرىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى 12318 ۋە تور بېكىتى (www.12318.gov.cn)نى ئېلان قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر