باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 9 مىليون 400 مىڭ ئوقۇغۇچى قاتناشتى

2017.06.07 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6-ئىيۇن مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇندىن 8-ئىيۇنغىچە ئېلىنىدىكەن، قىسمەن ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ ئىمتىھان پەنلىرىنى تەسىس قىلىشى ئوخشىمىغاچقا، 9-ئىيۇنمۇ ئىمتىھان ئالىدىكەن. بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 9 مىليون 400 مىڭ كىشى تىزىملاتقان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بىرىنچى، جايلارنىڭ مائارىپ تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، شاۋقۇننى تىزگىنلەش، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ خاتىرجەم، ئازادە مۇھىتتا ئىمتىھان بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ناچار ھاۋا رايى، تەبىئىي ئاپەت، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، جايلاردىكى ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى شۇ جايدىكى مېيىپلار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە مېيىپلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق، قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر