باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى تەييارلىق شارائىتى ياراتتى

2017.06.06 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرقى مەزگىلگە كىردى. جايلار تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق شارائىتى يارىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.خېبىيي خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن سىنىپتا مۇزىكا ئاڭلاپ ھارغىنلىقىنى چىقاردى. مۇخبىر ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كارىدورىدىكى تاملارغا چاپلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنىڭ ئېلېۋىتىلگەنلېكىنى كۆردى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىق سىنىپ مۇدىرى فېڭ يوڭجۇاڭ مۇئەللىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرى تىنچ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش مۇھىتى يارىتىش زۆرۈر، بۇ مەزگىلدە تىنچ كەيپىيات بولۇش، ھەر قانداق تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق كېرەك دېدى. خېڭشۈي شەھىرى ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان سىنىپلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا بەھۇزۇر كەيپىيات يارىتىشنى تەلەپ قىلدى. قىسمەن ئوتتۇرا مەكتەپلەر يەنە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەققىدە سۆزلىشەيلى سەھنىسى تەسىس قىلدى، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا بېسىمنى تۈگىتىش سورۇنلىرى ھازىرلاپ بەردى. خېڭشۈي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىسخىكا ئوقۇتقۇچىسى خاۋ جىفېڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى باشقىلارغا دېيىشنى بىئەپ كۆرگەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەققىدە سۆزلىشەيلى سەھنىسى ئارقىلىق دەيدىغان بولدى، بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولدى. ئوقۇغۇچىلار سەھنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، كەيپىياتى ياخشى بولدى، بېسىمىمۇ يېنىكلىدى.

  فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ لوڭيەندە ئاۋازسىز قېلىپ يولغا قويۇلدى، كۆپلىگەن تارماقلار بىرلىشىپ تەكشۈردى، سودا ماگىزىنلىرى، ناخشا ئېيتىش سورۇنلىرى، ئىش ئورۇنلىرى، يوللاردا شاۋقۇنلۇق تىجارەت قىلىش قاتارلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى توستى.

  ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىش نۇقتىلىرىدىكى مېھمانسارايلار، ئاشخانىلار، مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ تازىلىقىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، ئىمتىھان مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە تۇرۇشلۇق نۇقتىلارنى تەكشۈرۈپ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى كېلىپ چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۈەنچېڭ شەھىرى شۈەنجۇ رايونى يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسى يېمەكلىك بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تاڭ شوۋگېن مۇنداق دېدى: بىز نۇقتىلىق تاماق بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىدىن ئىككى كۈنلۈك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا پىشۇرۇلغان پۇرچاق سۈتى ۋە سوغۇق سەي ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدۇق.

  يېقىندا خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجۇاجۇاڭ، خەندەن شەھەرلىرىدە تور ساقچىلىرى قانۇننى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىداردا ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى تولۇقلاپ بېجىرىش ئۇچۇرلىرى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرى، ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش قاتارلىقلارنىڭ قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىداردا كۆپەيگەنلېكىنى بايقاپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا ئانىلارنى ئالدانماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر