باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن كۈرەش قىلىدىغان مۇھىم بۇرچنى زىممىمىزگە ئالايلى!

2017.06.06 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:«مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن ئۆزۈمنى پارتىيە ۋە دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەجىرىگە جاۋاپ قايتۇرىمەن.»

  6-ئاينىڭ 4–كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات سىستېمىسىدىكى كادىرلار قوشۇنىدا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش قەسەمياد يىغىنى ئېچىلىپ، تەشكىلات سىستېمىسىدىكىلەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىدىغان ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن كۈرەش قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى پارتىيە ۋە دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرىدىغان ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئوچۇق جاكارلىدى.

  پارتىيە ئەزالىرى كادىرلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي ساپاسى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى بەلگىلەيدۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇنلىغان پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلمايدۇ، ھەتتا پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى بىلەن كارى بولمايدۇ. ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئاپاق-چاپاق بولىدۇ، زوراۋان تېررورچىلار، رادىكال ئۇنسۇرلار سەھنە ئالدىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ماجرا پەيدا قىلىپ ۋەقە تۇغدۇرسا، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پەردە ئارقىسىدا پىلانلاپ قوماندانلىق قىلىدۇ، يامان ئادەملەر ئۈچۈن يۆلەنچۈك بولىدۇ، بۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى يامان، خەۋپى ئىنتايىن زور، ھەر مىللەت ئامما بۇنىڭغا قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى يوقاتمىغاندا، شىنجاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر