باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇتۇش رايونىدىن ئۆي سېتىۋالمىغانلىقتىن، خەلق باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئالقىشقا ئېرىشتى

2017.06.06 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش» ھالقىلىق مەزگىل يەنە يېتىپ كەلدى. بۇ يىل بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىكى «يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش» ئەھۋالىدا ئوزگىرىش بولغاندەك قىلاتتى، ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئەلا سۈپەتلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىردىنبىر تاللاش بولمىدى، ئەلا سۈپەتلىك خەلق باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوخشاشلا ئادەتتىن تاشقىرى قارشى ئېلىندى.

  ئۆتكەن نەچچە يىلدا، بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى داۋاملىق ئۆستى، ئۆتكەن يىلى، بېيجىڭ شىچىڭ رايونى ۋىنچاڭ كوچىسىدىكى بىر ئوقۇتۇش رايونىدىكى ئۆينىڭ ھەر بىر كىۋادرات مېتىرنىڭ باھاسى 460مىڭ يۈەنلىك باھا بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئوقۇتۇش رايونىدىكى ئۆيلەرنىڭ يەككە باھاسىدا رېكورت ياراتتى. سۈپەتلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش رايونىدىن ئۆي سېتىۋالالمىغان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار نەزىرىنى خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە قاراتتى.

  بىراق سۈپەتلىك خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگىمۇ كىرىمەن دەپلا كىرگىلى بولمايدۇ. گۇۋاڭجۇدىكى چىن ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىرىنچى سەپتىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى يىلىغا 40مىڭ يۈەندىن 70مىڭ يۈەنگىچە، يەنە تۈرلۈك تەكرارلاش سىنىپلىرى، تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش سىنىپلىرى قاتارلىق دەرستىن سىرتقى چىقىملىرى بار، ئالتە يىل ئوقۇغاندا، كېتىدىغان چىقىم 400مىڭ يۈەندىن كەم بولمايدۇ. يۈز-تۇرانە سۆھبەتلىشىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن مەكتەپكە كىرگىلى بولىدۇ، ئادەتتە يېرىمدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى شاللىنىپ كېتىدۇ.

  نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ قارىشىچە، سۈپەتلىك خەلق باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئالقىشلىنىشى نۇقتىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىگە زەربە بولغان. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ئەۋزەللىك بىر قىسىم خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر «مەمۇرى بۇيرۇققا بويسۇنماسلىق»دىن بولدى، ئوقۇغۇچىلار سىناق سوئاللىرى»نى مەشىق قىلىدۇ. پىداگوگىك شيۇڭ بىڭچى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىللىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، بەلگىلىك رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە. خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر رايون ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلالايدۇ، نۇرغۇن خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، تېخىمۇ ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلالايدۇ. بۇ خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىلىدىغىنى ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بۇنى بەكرەك قوغلىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر