خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 5- كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى سان خوسېدا، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئامېرىكا ئالما شىركىتى 5-ئىيۇندىكى يىللىق تەتقىقاتچىلار يىغىنىدا، ئالما تېلېۋىزورى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى، كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ۋە شەخسىي كومپيۇتېر قاتارلىق تۆت چوڭ سۇپىنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭدەك ئىچىگە تاۋۇش رەقەملىك ياردەمچىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياڭراتقۇنى ئېلان قىلدى. بۇ، ئالما مەھسۇلات لىنىيەسىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يېڭى قاتتىق دېتال ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى