سۈرەتتە: مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈش
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو - كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش ھەمدە ناھىيەنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر سەنئەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشا- ئۇسۇل، مۇزىكا ئورۇنلاش مۇسابىقىسى 4-ئىيۇن ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ، مۇسابىقە ئاخىرىدا ئۈچ تۈر بويىچە نەتىجىگە ئېرىشكەن 36 ماھىر ئايرىم-ئايرىم مۇكاپاتلاندى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەڭلىك ئىمىن )
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى