باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئوقۇغۇچىلارنى
ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئالدىدا كىچىك نۇقتىلارغىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى

2017.06.05 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالدى، 3-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئوقۇغۇچىلارغا خەت يېزىپ، ئىمتىھاننىڭ ئالدىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە ئارزۇ تولدۇرۇشقا دائىر ئەسكەرتىش ۋە مەسلىھەت بەردى.

  ئۆگىنىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، زېھنىي كۈچىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈندە، بالىلىرىغا چوقۇم ئەڭ ياخشى، تىنچ، ئازادە مىجەز ۋە كەيپىياتنى يەتكۈزۈشنى، ئىللىق ۋە ئىناق بولغان ئائىلە كەيپىياتىنى ساقلىشى لازىملىقىنى؛ بالىلىرىغا «سەن قولۇڭدىن كېلىشىچە قىلساڭلا بولدى» دېيىشىنى، بالىغا كۆپرەك مەدەت بېرىشىنى، ئازراق كوتۇلدىشى ۋە باشقىلار بىلەن بەسلەشتۈرمەسلىكىنى؛ ئىمتىھان ۋاقتىنى ياخشى ئېسىدە تۇتۇشىنى، زۆرۈر نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئوقۇغۇچىلارنى «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»نىڭ ئالدى تەرىپى ۋە ئارقا تەرىپىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى ياخشى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ۋە «ئىمتىھان تۈزۈمى»نى پىششىق بىلىۋىلىشنى، ئىمتىھان قائىدىسىنى پىششىق بىلمەسلىك سەۋەبىدىن بەزى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ئۆزىگە بىھۇدە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالماسلىقىنى ئەسكەرتتى.

  بولۇپمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىمتىھانغا 15 مىنۇت كېچىكىپ قالغاندا، ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ، شۇ ئىمتىھان تۈرىگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ، چەت ئەل تىلى / خەنزۇ تىلى ئىمتىھان تۈرىدە سائەت 14:45 (بېيجىڭ ۋاقتى)دىن كېيىن كېچىكىپ قالغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئورنىنى ئاۋۋال بىلىۋىلىشى، ئىمتىھان مەيدانىغا كېلىشتىكى قاتناش لىنىيەسىنى ياخشى پىلانلىۋېلىشى كېرەك.

  سەمىمىيەت ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىمتىھان مەيدانى تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىلمىسى (9)»نىڭ 25-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: كۆچۈرمىچىلىك قىلىشنى تەشكىللىگەن، كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئەسۋاپلىرى ۋە باشقا ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەن، ئىمتىھان سوئالى ياكى جاۋابىنى تەمىنلىگەن ياكى سېتىپ بەرگەن، باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بېرىش ياكى باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈزۈشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار جىنايى جازاغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قانۇننىڭ «قىزىل سىزىقى»غا تېگىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى لازىم.

  مەخپىي نومۇرنى ئوبدان ساقلىشى، ئالدىنىپ قېلىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

  ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىش مەخپىي نومۇرى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرىدىغان، ئارزۇ تولدۇرىدىغان مۇھىم بىخەتەرلىك تەدبىرى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش، ئارزۇ ئۆزگەرتىش، قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ. مەخپىي نومۇرنى لايىھەلىگەندە، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دىققەت قىلىشى، ئاسانلىقچە باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر