خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىللىرى ئىنستىتۇتى ئىنگلىز تىلى كەسپى 2013-يىللىق 5-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدا، مەكتەپ ئىچىدە ئۆزگىچە ئوقۇش پۈتكۈزۈش خاتىرە رەسىمىگە چۈشمەكتە.
ئوقۇش پۈتكۈزۈش مەزگىلى كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ياخشى ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلىرى، ساۋاقداشلىرى، تۆت يىل ياشىغان مەكتىپىدىن ئايرىلىدۇ. ئوقۇش پۈتكۈزۈش ھەم خۇشاللىنارلىق ئىش، ئۇلار يېڭى ھايات سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى قوغلىشىدۇ.
ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچى خې شۇجىڭ مۇنداق دېدى: گەرچە قىيالماسلىق تۇيغۇسىغا چۆمسەممۇ، ئالدىمدىكى ھايات سەپىرىم نامەلۇم بولسىمۇ، بىراق بۇ مېنىڭ كۈرەش سەپىرىمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. كەلگۈسى يولۇمدا، ئالىي مەكتەپتىكىدەك ئوقۇتقۇچۇم، ئاتا-ئانامنىڭ ئاسىرىشى، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ياردىمى ۋە مەدىتى يېنىمدا بولمايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۆزۈمگە تايىنىمەن. بەلكىم بىر كۈنى، ئېگىز تاغ ئۈسىتىدە تۇرۇپ تۆۋەنگە قارىغىنىمىزدا، لىقمۇلىق مول ھوسۇل، بەخت ئىلكىدە كۈلىشىمىز مۇمكىن!
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى