باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«چېلىشىڭ، دادا» فىلىمىدىن ئېلىنغان تەربىيەۋىي ئىلھام

ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشى ئۇستاز، ئىلھام ئەڭ ياخشى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

2017.06.02 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستان فىلىمى «چېلىشىڭ، دادا» نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى كىنوخانىلاردا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن باھالار ئىنتايىن ياخشى بولماقتا. مەزكۇر كىنودىكى ۋەقەلىكتە ھىندىستاندىكى ھەقىقىي ئىشلار ماتېرىيال قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامىرخان باش رول ئالغان. كىنودىكى ۋەقەلىكتە سابىق چېلىشچى ماخاۋىر سىنگى پوگا ئىككى قىزىنى چېلىشىش چىمپىيونى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق، ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقتەك بىر ھېكايە تەسۋىرلەنگەن. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» بۇ فىلىمنى ئاياللارنىڭ ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ھۆرمەتكە ئېرىشكەنلىكىدەك ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرىدىكى فىلىم، دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە, فىلىمدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئائىلە تەربىيەسى ئەندىزىسى چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

  تەربىيەنى ئادەمگە قاراپ قىلىش، پەرقنى ئېتىراپ قىلىش، بالىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بايقاش لازىم. فىلىمدە قىزلىرى بىر قېتىملىق ئۇرۇشۇش سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ چېلىشىش تالانتلىرىنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، دادىسى ماخاۋىر ئۇلارنى مەشىق قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ.

  تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ چوڭلار ئۆزلىرى لايىھىلىگەن قېلىپ بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بالىلىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە پىسخىكىسى، مىجەز خارەكتىرى, ئەقلىي قابىلىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئالمايدۇ، بۇ بالىلاردا ئاسانلا بىزارلىق پسىخىكىسى پەيدا قىلىدۇ. ئەسلىدە، بالىلارنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەربىيەلەش ئەڭ ياخشى تەربىيەدۇر، ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش داۋامىدا بالىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە شەخسىي ئالاھىدىلىكىنى يەكۈنلىشى، بالىلىرى بىلەن بىللە تەھلىل قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئېيتقۇزۇشى كېرەك.

  بالىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. فىلىمدە، ئايالى ۋە قىزلىرىنىڭ گۇمانىغا قارىتا، دادىسى ماخاۋىر: «ماڭا بىر يىل ۋاقىت بېرىڭ، ئەگەر بولمىسا، مەن ئارزۇيۇمدىن ۋاز كېچەي»، دەيدۇ.

  «بىر ئاي ئىچىدە چوقۇم بۇ ئۇسسۇلنى ئۆگىنىسەن»، «بىر سائەت ئىچىدە چوقۇم بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يادلىۋالىسەن» دېگەندەك بۇنداق چوڭ- كىچىك تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىدە، بالىدىن كۈتكەن ئۈمىد ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ-يوق، دېگەن بىر مەسىلە يوشۇرۇنغان. ئاتا-ئانىلار بالىلاردىن ھەددىدىن يۇقىرى ئۈمىد كۈتۈپ، بالىلارنىڭ ئەمەلىي تەلىپىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۈنۈمى ئەكسىچە بولىدۇ. بالىنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولسىلا ياخشى بالا دەپ، ئەگەر تەلەپكە يەتمىسىلا جازالىغاندا، بالىلار ئاسانلا ئۆزىگە ئىشىنىشتىن مەھرۇم قېلىپ، كۆڭلىدىكى ھەقىقىي ھېسسىياتى چەكلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن, ئاتا-ئانىلار كۈتىدىغان ئۈمىدىنى بېكىتكەن ۋاقىتتا، بالىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئويلىشىشى، باشقىلار بىلەن بەسلەشمەسلىكى، بالىنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، ھەرگىزمۇ ئۆز خاھىشى بويىچىلا ئىش كۆرمەسلىكى لازىم.

  ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى. بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە، ھىندىستانلىق دادا ماخاۋىر قىزلىرى ئۈچۈن قاتتىق مەشىق پىلانى تۈزۈپ چىقتى، گەرچە ئائىلە قىيىنچىلىقى بار بولسىمۇ، ئۇ بالىلىرى ئۈچۈن ئىمكانقەدەر ياخشى مەشىق شارائىتى يارىتىپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلىدى... ئىككى قىزىنىڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى دەل دادىسىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك روھى ۋە تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن.

  ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى. ئاتا-ئانىلار قىلغان كىچىككىنە ئىشلارمۇ بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. چۈنكى, ئاتا-ئانىلارنىڭ شەيئىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتىكى پوزىتسىيىسى بالىلاردا كۈچلۈك بېشارەت ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە. شۇڭا, ئەگەر كىمدەكىم ئۆز بالىلىرىنىڭ ياخشى پەزىلەتلىك ۋە مۇستەھكەم ئىرادىلىك خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئويلىسا، ئۇنداقتا شۇ ئاتا-ئانىلار ئۆزى ئۇلارغا ئۈلگە بولۇپ، گېپىدە تۇرۇشى لازىم, ئەگەر ئاتا-ئانىلار ۋەدىسىگە رىئايە قىلمىسا، بالىنىڭ قەلبىدىكى ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

  ئاتا-ئانىلارنىڭ رىغبىتى بالىلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. مەزكۇر فىلىمدە كۆپچىلىكنىڭ مەسخىرىسى ئالدىدا، ماخاۋىر بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ھەمدە پۈتۈن جەمئىيەت بىلەن قارشىلىشىپ، مەسخىرىلەرگە چىداپ كەلدى. قىزلىرىمۇ بۇنىڭ بىلەن دادىسىنىڭ تارتقان جاپالىرىنى تونۇپ يېتىپ، تېخىمۇ تىرىشتى.

  بالىلارنىڭ غۇرۇرى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىشتا، ئاتا-ئانىلار ئۆگىنىش داۋامىدا بالىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئىلگىرىلىشىنى بايقىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ۋاقتىدا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك، بۇ بالىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئىتتىرگۈچ كۈچ بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر