باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يېرىم ئاي ۋاقىت قالدى

شىنجاڭنىڭ پىسخىكا مۇتەخەسىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئىمتىھاندا تەمكىن بولۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى

2017.05.24 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يېرىم ئايلا ۋاقىت قالدى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلاردا پىسخىكىلىق بېسىم بەك ئېغىر بولۇپ كېتىش مەسىلىسى كۆرۈلمەكتە. بىزچە، بۇنداق ۋاقىتتا، كەيپىياتنى تەڭشەش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

  23- ماي مۇخبىر زىيارەت ئۇيۇشتۇرۇپ، پىسخىكىلىق بېسىمنى قانداق تەڭشەش توغرىلىق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىنىڭ ساغلاملىق مائارىپى تەتقىقات ۋە يېتەكچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ-پەن ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىر يېتەكچىسى شۈ چۈنشيانى زىيارەت قىلىپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى سورىدى.

  شۈ چۈنشيانىڭ قارىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە تەسىر قىلىدىغان ئامىللاردىن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىككى ئامىل بولۇپ، بۇنىڭ بىرى، ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئالدىدىكى كەيپىيات؛ يەنە بىرى، ئىمتىھان بېرىۋاتقان ۋاقىتتىكى كەيپىيات، ئىكەن.

  يەنى، شۈ چۈنشيا ئۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئالدىدا، كەيپىياتنى ياخشى تەڭشەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىش كېرەك. ئىمتىھان مەيدانىدا ئىمتىھان بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا تەمكىنلىك بىلەن ئۆز سەۋىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىمتىھاننى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. بۇلار ئەڭ مۇھىمدۇر.»

  كۈتۈلمە قىممەت (ئارزۇيىدىكى نەتىجە)نى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش كېرەك

  ئەمىسە، ئوقۇغۇچىلار ئاخىرقى بۇ يېرىم ئايدا قانداق قىلغاندا ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، كەيپىياتىنى تەڭشىيەلەيدۇ؟ شۈ چۈنشيا بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق مەسلىھەت بەردى: ئالدى بىلەن كۈتۈلمە قىممەتنى ياخشى تەڭشەش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئىمتىھاننىڭ ئالدىدىكى يېرىم ئايدا، ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئاسانلا قالايمىقان خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، يەنى، بۇ بىر نەچچە كۈندە ئۇلار نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالىدۇ، لېكىن، كۆڭلىدە يەنىلا ئۆزىدىن خېلى ئۈمىد كۈتىدۇ. بۇ مەزگىل دەل ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەيدىغان مۇھىم باسقۇچ. مۇشۇ مەزگىلدە، ئوقۇغۇچىلار چوقۇم كۈتۈلمە قىممىتىنى ياخشى تەڭشىۋىلىشى لازىم. مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن خىياللارنى قىلماسلىقى، ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر نىشاننى بېكىتىشى كېرەك. ھەر بىر كۈندە تېخىمۇ كۆپرەك بىلىم نۇقتىلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى، ئىمتىھان بەرگەندە ئۆزى بىلىدىغان ھەربىر سوئالنى توغرا ئىشلىشى، شۇ ئارقىلىق، ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. مانا بۇ ئەڭ ياخشى بولغان كۈتۈلمە قىممەت.

  كەيپىيات ھالىتىنى ياخشى تەڭشەش كېرەك

  بېسىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان ئوقۇغۇچىلارغا شۈ چۈنشيا مۇنداق دەپ مەسلىھەت بەردى: كەيپىياتنى چوقۇم ياخشى تەڭشەش، قالايمىقان خىياللارنى قىلماسلىق، ھەمدە ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك كېرەك.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ياخشى بولمىغان كەيپىيات قالايمىقان ئويلاشتىن كېلىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنىڭ قالايمىقان خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ھامان، ئۇ قالايمىقان خىياللارنى دەرھال توختىتىۋېلىش كېرەك. بۇنداق چاغدا، ئاساسىي فورمىلالار، قەدىمكى زامان شېئىرلىرى ۋە قوشاقلىرى قاتارلىق ئاددىي مەزمۇنلارنى كۆرسە بولىدۇ. دىققىتىنى لازىم بولغان، يەنى قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈش لازىم. كەيپىياتىنى تەڭشەشتە، باشقا گۈزەل ئىشلارنى ئەسلەش، مەسىلەن، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن، غەلىبە قازانغان چاغلىرىنى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئويلىسا بولىدۇ؛ ئۆزىنىڭ ناھايىتى راھەت بىر جايدا كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن خۇشال ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئويلىسىمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ، ئۆز كەيپىياتىنى ئاكتىپلىق بىلەن تەڭشەپ تۇرۇش لازىم. مۇئەللىمى ياكى ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن كۆڭلىدىكى گەپ سۆزلىرىنى قىلىشىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھالىتى ۋە تونۇشىنى تەڭشىسىمۇ بولىدۇ. بېسىمغا توغرا يۈزلىنىش، ئۆزىگە يېتەرلىك ئىشەنچ تۇرغۇزۇش لازىم.

  بېسىم، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر خىل كەيپىيات بولۇپ، ئادەملەرگە نىسبەتەن پائال ئەھمىيەتكە ئىگە. بېسىم بولغاندىلا ئاندىن ئۇ ئەتراپتىكى مۇھىتقا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن، بېسىمنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئازراقمۇ بېسىم بولماسلىقىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بېسىمى چوڭ بولۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، ئۆزىگە مەدەت بېرىش، بېسىمىنى يەڭگىللىتىش چارىلىرىنى ئويلاپ تېپىشى كېرەك. ئادەتتە نەتىجىسى ياخشى، ئەمما ئىمتىھانغا كەلگەندىلا ياخشى نومۇر ئالالمايدىغان ئوقۇغۇچىلار پىسخىكا مۇئەللىملىرىگە كۆرۈنۈپ تۇرغىنى ۋە ئۆزىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ تۇرغىنى ياخشى.

  ئۆزىدە ئازراقمۇ بېسىم ھېس قىلمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، شۈ چۈنشيا ئۇلارنى ئۆزىگە مۇۋاپىق بېسىم بېرىشكە ئۈندەپ، ئۇلارنىڭ نىسبەتەن ئاددىي سوئاللارنى كۆرۈپ قويۇشى، ئۆزىگە ئازراق ۋەزىپە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەردە داۋاملىق كۆرۈپ تۇرمىسا، كاللا ‹داتلىشىپ› قېلىپ، ۋاقتى كەلگەندە سوئال ئىشلىگەندە تەپەككۈر قىلالماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.»

  ئۆزىگە مەدەت بېرىشنى ۋە ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى ئۆگىنىش كېرەك

  بىر ئادەم ئورۇنداش قىيىنچىلىقى بولغان ياكى ئۆزىگە رىقابەت بولىدىغان بىرەر ئىشنى قىلغان ۋاقىتتا، ئۆزىگە «مەن چوقۇم قىلالايمەن.» دېيىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ھەسسىلەپ ئېشىپ، بىر قەدەر ياخشى بولغان ھالىتىگە يېتەلەيدۇ. ئەگەر ئۆزىنى ھەمىشە، ھېچ ئىش قىلالمايدىغاندەك، قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغاندەك ھېس قىلسا، ئۆزىدە ئەڭ ياخشى ھالەتنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. شۇڭا، ئىمتىھان ئالدىدىكى بۇ مەزگىلدە، چوقۇم ئۆزىگە «مەن قىلالايمەن. » دېيىش، ئۆزىگە مەدەت بېرىش ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش كېرەك.

  يۇقىرىقى بۇ نۇقتىلار ئىمتىھان بەرگەندىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. مەسىلەن، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندا قىيىن سوئالغا دۇچ كېلىپ، ئۇنى ئىشلىيەلمەي قالىدۇ، ئەمما، يەنىلا بولدى قىلىۋەتكۈسى كەلمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھەرخىل كەيپىيات مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، كەيپىياتنى تەڭشەش، ئاۋۋال ئىشلىيەلەيدىغان سوئاللارنى ئىشلەش، ھەمدە ئۆزىگە قارىتا ئاكتىپ بولغان روھىي يېتەكلەش بولۇش لازىم.

  ئادەتتىكى نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولماي كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولسا، ئىمتىھاندا ئەستايىدىللىق بىلەن سوئال ئىشلەش، ئاۋۋال ئىشلىيەلەيدىغانلىرىنى ئىشلىۋىتىش، ئالالايدىغان نومۇرىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئىمتىھان مەيدانىدا ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنىڭ نورمال بولغان سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ئەڭ ئاخىرقىچە بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىش كېرەك

  شۈ چۈنشيا ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ئاخىرقى يېرىم ئايدا، ياخشى بولغان ۋاقىت ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىمتىھان ۋاقتىغا ياخشى ماسلىشىش ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، ئاساسىي مەشىقنى ياخشى ئىشلەپ، تەپەككۇرنىڭ باغلىنىشچانلىقىنى ساقلاپ، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىگە چاقىردى.

  ئەگەر ئىمتىھاننىڭ ئالدىدىكى بىر نەچچە كۈندە، ئوقۇغۇچىلاردا كېچىسى ئۇخلىيالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنى ناھايىتى ئارامبەخش بىر جايدا دەپ ھىس قىلدۇرۇپ ۋە شۇنداق خىيال قىلىپ، كۆڭۈلنى تېنچ ۋە ئازادە تۇتۇش لازىم، ئۇيقۇ دورىسىنى ئىچىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ئىمتىھان مەزگىلىدە، بىر پەننى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، شۇ كۈنىلا شۇ ئىمتىھاننىڭ سوئالىنىڭ جاۋابىنى توغرىلاشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك، يەنى، بۇنىڭ بىلەن، باشقا پەننى بېرىشتىكى كەيپىياتقا تەسىرى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۈ چۈنشيا ئوقۇغۇچىلارغا يەنە مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: ئىمتىھان مەيدانىنى ئاۋۋال كۆرۈپ قويۇش، ئىمتىھان مەيدانىغا بارىدىغان يولنى ئاۋۋال پىلانلاپ قويۇش كېرەك. ئىمتىھاننىڭ ئالدىدا يولنى پۇختا بىلمەي كېچىكىپ قېلىش ياكى يولدا توسۇلۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  شۈ چۈنشيا ئاتا-ئانىلارغا يەنە مۇنداق ئەسكەرتتى: بالىلارغا بېسىم بەرمەسلىكى كېرەك. بەزى ئاتا-ئانىلار رۇخسەت سوراپ، ئۆيدە بالىلىرىغا ھەمراھ بولىدۇ. بۇ ئەكسىچە بالىلارنىڭ پىسخىكا بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشى تەڭشىشى، بالىلىرىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھەرگىزمۇ جىق سۆزلىمەسلىكى، ئىمتىھان نەتىجىسىنى قىياس قىلىپ، «ياخشى بېرەلمىسەڭ قانداق قىلىسەن؟»، «ئۆتەلمىسەڭ قانداق قىلىسەن؟» دېگەندەك گەپلەرنى قەتئىي قىلماسلىقى لازىم. ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ياخشى يېتەكلەش، بالىلاردا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر