خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى ۋە فوتوسى) 31- ماي، يەكەن ناھىيەسى «بەھرىمەن» دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەسئۇللىرى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىلىشقۇ بازىرى قۇمكۆل كەنتىدىكى 240 نەپەر يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا 12 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ئوقۇغۇچىلار فورمىسى تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ 1- ئىيۇن بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى