باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

26 ھەربىي مەكتەپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىدىن 12 مىڭنى قۇبۇل قىلىدۇ

بۇنىڭ ئىچىدە 14 مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىدىن 416نى قوبۇل قىلىدۇ

2017.06.02 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئىيۇن ھەربىي كومىتېت تەلىم-تەربىيە باشقۇرۇش بۇسى مەكتەپلەر ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، «2017-يىللىق ھەربىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى» بويىچە، ھەربىي مەكتەپلەر ئىچىدىكى 26 مەكتەپ يەرلىكتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىدىن 12 مىڭنى قوبۇل قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 14 مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىدىن 416نى قوبۇل قىلىدىكەن.

  2017-يىلى ھەربىي ئالىي مەكتەپلەر تۇنجى قېتىم يېڭى مەكتەپ سىستېمىسى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىدىكەن، قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش سانى ئازراق ئىكەن. دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە خىمىيەلىك قوراللاردىن مۇداپىيەلىنىش ئىنىستىتۇتى، ئۈچىنچى ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى، داليەن ھەربىي پاراخوت ئىنستىتۇتى، دېڭىز ئارمىيە ئاۋىياتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىككىنچى ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، ھاۋا ئارمىيە قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى، 4-ھەربىي تېببىي ئونىۋېرسىتېتى، راكېتا ئارمىيەسى قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى، ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسىتېتى، قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 14 ھەربىي مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە قىز ئوقۇغۇچىدىن ئۈچنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان، ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە قىز ئوقۇغۇچىدىن 20نى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغاندىن باشقا، قالغان مەكتەپلەر پەقەت تەبىئىي پەنلەر بويىچە قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىكەن. قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش سانى ئەڭ كۆپ بولغان مەكتەپ ئۇچۇر قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، 95 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان. شەندۇڭ ئۆلكىسى قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، 45 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

  ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ھەربىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشنى تىزىملاتقان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 17 ياشتىن تۆۋەن بولماسلىقى، 20 ياشتىن يۇقىرى بولماسلىقى (2017-يىلى 8-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە) كېرەك ئىكەن، شۇ يىلى ۋە ئىلگىرى مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر