باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىشلىتىپ بولالماي ئېشىپ قالغان بەزى دورىلارنى تاشلىۋېتىش كېرەك

2017.06.05 08:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، كېسەل تولۇق ساقايغاندىن كېيىن، ئىلگىرى ئىشلەتكەن دورا پۈتۈنلەي ئىشلىتىلىپ تۈگىمەستىن، ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. دورىنى تېجەپ ئىشلىتىدىغان بەزى بىمارلار ئىشلىتىپ بولالمىغان دورىنى كېلەر قېتىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ساقلاپ قويىدۇ، لېكىن بەزى ئەھۋالدا، ئېشىپ قالغان دورىنىڭ گەرچە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ،ئۇنى يەنىلا تاشلىۋەتكەن ياخشى.

  تۆۋەندىكىدەك دورىلار تاشلىۋېتىشكە تېگىشلىك دورىلار ھېسابلىنىدۇ:

  1. ئاغزى ئېچىۋېتىلگەن دورىلار

  يېرىمىنى ئىچىپ تاشلاپ قويۇلغان شېكەر قىيامى ۋە ئىشلىتىپ ئېشىپ قالغان كۆز دورىسى قاتارلىقلارنى بەزى بىمارلار ساقلاپ قويۇپ كېلەر قېتىم يۆتەل بولغاندا، كۆزى بىئارام بولغاندا ئىشلىتىدۇ. دورا قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچقاندىن كېيىنلا، ئەسلىدىكى يېپىق چاغدىكى مىكروبسىز مۇھىت بۇزۇلىدۇ، قالغان قىسمى ئاسانلا بۇلغىنىپ سۈپىتى ئۆزگىرىدۇ. ئاغزى ئېچىلغاندىن كېيىنكى كۆز دورىسى ۋە شېكەر قىيامى ئەگەر بىر ئايدىن كۆپ ساقلانغان بولسا، ئۇنى ئەڭ ياخشىسى تاشلىۋېتىش كېرەك. بۇ مەزگىلدە، ھەر قېتىم ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى دورىنىڭ ئالامىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر دورىدا توزغاقسىمان نەرسىلەر، رەڭ ئۆزگىرىش ۋە غەيرىي پۇراق دېگەندەك ئالامەتلەر بولسا، دورىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ دورىلارنى تاشلىۋېتىش كېرەك.

  2. قىسقا مۇددەتلىك ئىشلىتىدىغان رېتسېپلىق دورا

  مىكروبقا قارشى دورا كىشىلەر تەرىپىدىن دائىم قالايمىقان ئىشلىتىۋالىدىغان دورىدۇر. نۇرغۇن بىمارلار قىزىتمىسى ئۆرلەپ قېلىش ۋە زۇكام بولۇپ بۇرنىدىن سۇ ئېقىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلسىلا، ھە دېگەندە ئۆيدىكى ئىلگىرى ئېشىپ قالغان مىكروبقا قارشى دورىنى ئىزدەپ تېپىپ ئىشلىتىدۇ. لېكىن، مىكروبقا قارشى دورىنىڭ شىپا قىلىش ئوبيېكتى ئاساسلىقى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللەر بولۇپ، ئۇنداقلارنىڭ نۇرغۇنلىرى زۇكام ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولىدۇ. پەقەت بۇ خىل كېسەللىكلەرگە باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش قوشۇلغان بولسىلا ئاندىن مىكروبقا قارشى دورىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەم ھەر قېتىم يۇقۇملانغاندا، كېسەل پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيەنىڭ تۈرلىرى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، مىكروبقا قارشى ھەر خىل دورىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش دائىرىسى ۋە ماسلىشىش كېسىلى بولىدۇ. بۇرۇن ئېشىپ قالغان مىكروبقا قارشى دورىنىڭ يەنە داۋاملىق ئۈنۈمى بولىۋېرىشى ناتايىن، ئەكسىچە تېخى باكتېرىيەنىڭ دورىغا چىدامچانلىقى ۋە قايتا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەكىتلەيدىغىنىمىز شۇكى، ھەر قېتىم يەپ ئېشىپ قالغان مىكروبقا قارشى دورىلارنى تاشلىۋېتىش كېرەك.

  3. بىر داۋالاش باسقۇچىغا يەتمەيدىغان دورا

  ئەگەر ئېشىپ قالغان دورا بىر داۋالاش باسقۇچىغا يەتمىسە، تاشلىۋېتىش كېرەك. ئەگەر ئۇ ساقلاپ قويۇلسا، كېيىن باشقا ئوخشاش تۈردىكى دورىلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ مىقدارى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، داۋالاش ئۈنۈمىگە ئاسانلا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىشى ياكى ناچار ئىنكاس پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  4. سىرتقى قېپى يىتۈپ كەتكەن دورا

  نۇرغۇن بىپەرۋا بىمارلار دورىنىڭ سىرتقى ئوراش قېپىنى يۈتتۈرۈپ قويىدۇ. لېكىن دورىنىڭ تاشقى قېپى خۇددى دورىنىڭ«كىيىمى»گە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ، دورىلارنى يورۇقلۇقتىن ساقلاش قاتارلىق رولىنى ئوينىغاندىن باشقا، دورىنى ساقلاشقىمۇ پايدىلىق، يەنە كېلىپ، دورىنىڭ تاشقى قېپى دورىنىڭ ئۈنۈمىنى ساقلاش مۇددىتى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر دورىنىڭ سىرتقى ئورالمىسى يۇتۇپ كەتسە، بىمار دورىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىنى ياكى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىلىشكە ئامالسىز قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئىشلىتىپ ئېشىپ قالغان ۋە سىرتقى قېپى يىتۈپ كەتكەندورىلارنى تاشلىۋېتىش كېرەك.

  يەنە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، يازلىقى ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىپ كېتىدۇ، شۇڭا، كىشىلەر دورا ساندۇقىنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇشى، ۋاقتى ئۆتكەن دورىلارنى تاشلىۋېتىشى كېرەك. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، يەنە تېخى تەركىبى ئۆزگىرىپ، ئۇنىڭدا زىيانلىق تەركىب پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئۇنى خاتا ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن، يەنە تېخى سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق. ئائىلە دورا ساندۇقىنى ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىنى تاشلاپ تۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر