خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ئاخبارات تورى مۇخبىرى مەدىنۇر ئەخمەت خەۋىرى، فوتوسى) ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلار 31-مايدىن باشلاپ ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ، كۇتۇپخانىدىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقى ۋە جۇڭخۇا ئەنئەنىسىگە دائىر ئوقۇشلۇقىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋېتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا كىتاب ئوقۇشقا، ئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيۈشكە رىغبەتلەندۈردى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رەيھانگۈل قادىر مۇنداق دېدى: «بىز 31-مايدىن باشلاپ ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە بېرىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ كۇتۇپخانىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ھەسسىمىزنى قوشىمىز».
ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا ئاقسۇ كەسپىي-تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، كۈندىلىك خىزمەت كۈنىدىن باشقا يەنە شەنبە، يەكشەنبە،ھېيت-بايرام كۈنلىرىمۇ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئېچىۋېتىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى