باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مائارىپىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

2017.05.22 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مائارىپىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورۇنلىرى بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتىش مۇھاكىمە يىغىنى 21-ماي نەنچاڭدا ئېچىلدى، دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مائارىپىنى خەلقئارالاشتۇرۇش (نەنچاڭ) سىناق رايونىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىمۇ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇھاكىمە يىغىنى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مائارىپىنى خەلقئارالاشتۇرۇش، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورۇنلىرى بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىنى چۆرىدەپ شۆبە يىغىن مەيدانىدا مۇھاكىمە قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى گۈللەندۈرۈش مىسلىسىز چوڭ پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مائارىپىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇھىم ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىستىقبالى پارلاق، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئالىي مائارىپىنى جۇڭگو-چەت ئەل ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ خەلقئارا ئەنئەنىۋى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر