باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بالىلارغا يىڭنە سانجىغان يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2017.05.25 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى 24-ماي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پايتەخت تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ۋە تىپىك دېلو مىسالى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. بۇ ئۇقتۇرۇش بېيجىڭدا تۇنجى يۈز بەرگەن يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بالىلارغا يىڭنە سانجىش دېلوسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش دېلوسى، تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ نارىسىدە بالىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش دېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  2015-يىلى 6-ئايدا، بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ رايونى خۈي لوڭگۇەن بازىرى مەلۇم يەسلىنىڭ ئىككىنچى سىنىپىدا 20 ياشقا كىرگەن جۇ فامىلىلىك يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بالىلارغا خالىغانچە تەن جازاسى بېرىپ، بېگىزگە ئوخشاش ئۆتكۈر نەرسىلەرنى لى فامىلىلىك، جاڭ فامىلىلىك يەتتە كىچىك بالىغا سانجىغان، ئۇنىڭدىن باشقا چېن فامىلىلىك (18ياش)، جاڭ فامىلىلىك (39 ياش) يەسلىنىڭ ئۈچىنچى سىنىپىدىكى بىر-ئىككى بالىغا بېگىز سانجىغان.

  بۇ دېلو تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى قوزغىغان. مەزكۇر دېلو بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان دېلو قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. چاڭپىڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى جۇ ×× نىڭ ئۈستىدىن شىكايەت سۇندى ۋە ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ قارىلىپ، بىر يېرىم يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ دېلو جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (9) ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى تۇنجى «ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى» بويىچە جىنايەت بېكىتكەن يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بالىلارغا يىڭنە سانجىش دېلوسى ھېسابلىنىدىكەن. دېلونى ئىشلەش جەريانىدا، تەپتىش مەھكىمىسى بۇ دېلودا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەسىلىلەر ۋە خەۋپ-خەتەرنى چاڭپىڭ رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىغا ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈردى. رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ۋاقتىدا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن بوشاتتى ۋە يەسلى مۇدىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى ھەمدە مۇشۇ دېلونى سەۋەپ قىلىپ تۇرۇپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ دېلونىڭ تىپىك ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، دېلونىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشى بالىلاردىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە توپنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتى قوغدىلىپلا قالماستىن، مائارىپ باشقۇرۇش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى جازالاندى ھەمدە بۇ تۈردىكى جىنايى قىلمىشلارغا كۈچلۈك سىگنال بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر