باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل پىلان بويىچە 80 مىڭ ئالاھىدە شتات ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ

تۇتاش كەتكەن قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلاردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى كىشى بېشىغا يىلدا 2400 يۈەندىن ئاشىدۇ

2017.05.17 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ۋە جايلار يېقىندا كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «يېزا-قىشلاقلارغا چۈشەلەيدىغان، تۇرالايدىغان» بولۇشىغا مەدەت بەردى. مەركەز مالىيەسى سېلىنمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، بىرىنچىدىن 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئۇنىۋېرسال مۇكاپات ياردىمى بەردى ۋە مەركەزنىڭ مۇكاپات ياردىمى مەبلىغىنى جايلارنىڭ تىرىشىش دەرىجىسىگە باغلىدى. ئىككىنچىدىن 7 مىليارد 100 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە شتات ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى.

  ھازىر، مەملىكەت بويىچە 665 تۇتاش كەتكەن قىيىنچىلىقى ئېغىر رايون، ناھىيەلەر يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تۇتاش كەتكەن رايون، ناھىيەلەرنىڭ %97نى ئىگىلىدى؛ 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئوقۇتقۇچىسىغا نەپ يەتكۈزۈلۈپ، تۇتاش كەتكەن رايون، ناھىيەلەردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ %96نى ئىگىلىدى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ناھىيەلەرنىڭ ياردەم بېرىش ئۆلچىمى كىشى بېشىغا يىلدا 2400 يۈەندىن ئاشتى.

  2017-يىلى ئالاھىدە شتات ئوقۇتقۇچىلىقىغا 80 مىڭ كىشى قوبۇل قىلىش پىلانلىنىپ، 2016-يىلدىكىدىن 10 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، ئالدى بىلەن تۇتاش كەتكەن قىيىنچىلىقى ئېغىر رايون، ناھىيە ۋە دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە، كەنتلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇتۇش نۇقتىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار تولۇقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئالاھىدە شتات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش خاراكتېرلىك ياردەم پۇلى ئۆلچىمى كىشى بېشىغا يىلدا ئوتتۇرا قىسىمنىڭ 28 مىڭ يۈەندىن 31 مىڭ 600 يۈەنگە، غەربىي رايوننىڭ 31 مىڭ يۈەندىن 34 مىڭ 600 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. ئۈچىنچىدىن 328 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چەت، يىراق نامرات رايونلار، چېگرا رايون، ئاز سانلىق مىللەت رايونى ۋە كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشقا مەدەت بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر