باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا «ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى»نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2017.05.22 14:22   مەنبە: خەلق تورى

دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا «ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى»نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىللىق «ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى»نى تارقىتىش مۇراسىمى 19- چېسلا جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى چېڭ جىڭيې سۆز قىلدى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 11 نەپەر ئوقۇغۇچىغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

  چېڭ جىڭيې مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى، ھەمدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەت چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇلارغا شارائىت يارىتىپ بېرپ، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۇپا ھازىرلاپ بېرىپ كەلمەكتە. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيەدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا، قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى بېغىشلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئىلھام بەردى، ھەمدە، ۋەتەن خەلقىگە رىشتىسىنى باغلاپ، ئادىمىيەت ئالاقىلىرىغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمىز كېرەك، دېدى. شۇنداقلا، بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شۇ يەرنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، ئۆز مەنپەئەتىمىزنى قوغدىشىمىز ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشىمىز كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا «ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان دۆلەتلىك…
    ·بۇ يىل پىلان بويىچە 80 مىڭ ئالاھىدە شتات ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى پۈتتى
    ·ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت دائىرىسىدىن 22 مىڭ 972 ئوقۇتقۇچىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئوقۇغۇچىلار…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىم…
    ·چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ رايون ھالقىغان سەييارە پونكىتلىرى تۇنجى ب…
    ·جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى 
    ·شىنجاڭ سانجى ئىنستىتۇتى 29 نەپەر يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى 
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىدۇ