باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىشى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتەك دۇنيا ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالالمايدۇ

2017.06.05 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 1-ئىيۇن «ئاق ساراي»دىكى ئەتىرگۈللۈكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئامېرىكىنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىش توغرىسىدىكى قارارىنى جاكارلىدى.

  نەچچە يۈزلىگەن ئامېرىكا خەلقى ئاق ساراي سىرتىدا «<پارىژ كېلىشىمى>دىن چېكىنىش بىر مەيدان قاباھەتلىك چۈش»، «<پارىژ كېلىشىمى> بولمىسا، ئامېرىكا ئەڭ ئاخىرىدا قالىدۇ» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان تاختىنى كۆتۈرۈپ ئەيىبلەپ، ترامپنىڭ كىلىمات ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدىكى «چېكىنىش»ىگە ئېتىراز بىلدۈردى.

  ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېستىن تارتىپ ئامېرىكا پىتتسبۇرگنىڭ ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسىغىچە پۈتۈن دۇنيا ترامپنىڭ بۇ قارارىدىن ئەپسۇسلاندى، ئۈمىدسىزلەندى ۋە تەنقىد قىلدى.

  پۈتۈن دۇنيانىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. «پارىژ كېلىشىمى» دۇنيادىكى 140تىن ئارتۇق پۈتۈشكۈچى تەرەپنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭدىكى پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارى دۇنيا ئومۇمىي قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ %82تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ؛ ئامېرىكىدىن باشقا، باشقا تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر مەسىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە قاتارلىقلار كېلىشىمدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى؛ ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىمۇ نۇرغۇن شتات، شەھەرنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىلار ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر