خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئىيۇن، 2017-يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا يەرمەنكىسى ھەم 21-نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرقىي، غەربىي رايونلار ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا سۆھبەت يىغىنى (تۆۋەندە يىپەك يولى يەرمەنكىسى دەپ ئاتىلىدۇ)دا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ھەمكارلىق تۈرىدىن 95نى ئىمزالىدى، توختامدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 33 مىليارد 642 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %20.24 ئاشتى.
شۇ كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە تۈر ئىمزالاش يىغىنى ئاچتى. ئىمزالانغان ھەمكارلىق تۈرلىرى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، توك چىقىرىش، ئۆي-زېمىن كەسپى، ئۇل ئەسلىھەلەر، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك، يېنىك سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سودا ئوبۇرۇتى، نېفىت خىمىيە سانائىتى، زامانىۋى مۇلازىمەت، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، مەدەنىيەت-ساياھەت، يېڭى ماتېرىيال پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت 14 تۈرلۈك كەسىپكە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك تۈرىدىن 15ى بولۇپ، ئىمزالانغان توختامدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 3 مىليارد 443 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى