باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 19-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى

2017.06.05 16:25   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ  19-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 2-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باش ئىشتابىدا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر بىلەن بىرلىكتە 19-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە ئېتىبار بېرىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزى تاللىغان بىر گەۋدىلىشىش يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، ئىتتىپاق، مۇقىم، ئېچىۋېتىلگەن، گۈللەنگەن ياۋروپانى كۆرۈشنى خالايدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە ھازىر ئېنىقسىز، مۇقىمسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ئارقىلىق جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە داۋاملىق مۇستەھكەملەش ئاكتىپ سىگنالى تارقىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئوقۇغۇچىلارنى 
    ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئالدىدا كىچىك نۇ…
    ·«چېلىشىڭ، دادا» فىلىمىدىن ئېلىنغان تەربىيەۋىي ئىلھام
    ·26 ھەربىي مەكتەپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىدىن 12 مىڭنى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·گۇگۇڭ سارىيى مەدەنىيەت كەچۈرمىشى دەرسخانىسى باڭكوكتا دەرس تەسىس قىلدى 
    ·بالىلارغا يىڭنە سانجىغان يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى بىلەن قاماق جازاس…
    ·شىنجاڭنىڭ پىسخىكا مۇتەخەسىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئىمتىھاندا تەمكىن بولۇش كېرەكلىكىنى ئې…
    ·جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مائارىپىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق
    ·دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا «ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان دۆلەتلىك…
    ·بۇ يىل پىلان بويىچە 80 مىڭ ئالاھىدە شتات ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى پۈتتى