خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 4- كۈنى، «قەلبداشلار ئۆسۈپ يېتىلىش» جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە سارىيىدا «چوڭ رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنى»غا قاتناشتى. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپتە «قەلبداشلار ئۆسۈپ يېتىلىش» جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، تولۇق ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، مۇئەللىملەر ۋە ئاتا- ئانىلار «مېھىر- شەپقەت چەمبىرىكى»، «چوڭ رەسىم قۇراشتۇرۇش»، «شامالدىكى گىياھ» قاتارلىق ئويۇنلارغا ئورتاق قاتنىشىپ، ۋەزىپىنى ئورتاق تاماملاش جەريانىدا كوللېكتىۋىزىملىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى