باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

توي قىلىشنىڭ ساغلاملىقنى ياخشىلاشتىكى 10 خىل سەۋەبى

2017.06.05 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توي قىلىش ياخشى كۆرۈشكەنلەرنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق. 5- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئىلمىي تەتقىقاتتا ئىسپاتلانغان «توي قىلىشنىڭ ساغلاملىقنى ياخشىلاشتىكى 10 خىل سەۋەبى» يەكۈنلەنگەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچىسى: تۇرمۇش تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن.

  ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى 1700 نەپەر قاتناشقۇچىنى 20 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شۇلارنى بايقىغانكى، توي قىلىپ بەختلىك بولۇش ئادەملەرنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىكەن. توي قىلىش ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەر خىل ساغلاملىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن.

  ئىككىنچىسى: ئۆمۈر تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.

  ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە, توي قىلمىغان كىشىلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئوتتۇرا ياش ۋاقتىدا ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تويلىشىش تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولغانلارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولغان. ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، توي قىلغانلارنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن، تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجراشقان بولسىمۇ، قايتا ئۆيلەنگەندىن كېيىن، سالامەتلىك ئەھۋالى ناھايىتى تېزلا ياخشىلىنىدىكەن.

  ئۈچىنچىسى: ئاز پەرىشان بولىدىكەن.

  بىرگە تۇرىدىغان كىشىلەر توپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تويلاشقان ئەر-ئاياللارنىڭ كلىنىكىلىق خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ ھەر خىل پىسخىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاز دېگەندە %50 تۆۋەن بولىدىكەن.

  تۆتىنچىسى: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن.

  فىنلاندىيە توركۇ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ 15 مىڭ نەپەر قاتناشقۇچىغا چېتىلىدىغان تەتقىقاتىدا، بويتاقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، توي قىلغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش خەتىرى %66 تۆۋەن بولىدىغانلىقى بايقالغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، توي قىلغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن، ئەر-خوتۇن بىللە ئۆتكەندە، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغان تەقدىرىدىمۇ، خېلى ئاسانلا ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

  بەشىنچىسى: سەكتە بولۇش خەتىرى كىچىك بولىدىكەن.

  ئامېرىكا يۈرەك بۆلۈمى جەمئىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، سېمىزلىك كېسىلى، تاماكا چېكىش ۋە دىيابېت كېسىلى دېگەندەك سەكتىنىڭ مەلۇم بولغان خەۋپ–خەتەر ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، بويتاق ياكى ئۆزىنى بەختسىز ھېس قىلىدىغان توي قىلغان ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدىغان توي قىلغان ئەرلەردە ئەجەللىك سەكتىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپ-خەتىرى %64 تۆۋەن بولىدىكەن.

  ئالتىنچىسى: ئوپراتسىيە تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىكەن.

  2011- يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، يۈرەك ئوپراتسىيەسىنى قوبۇل قىلغان بىمارلار ئىچىدە، توي قىلغان بىمارلارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن 15 يىل ياشاش نىسبىتى بويتاق بىمارلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كەلگەن. بۇ ھەمراھىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى ۋە قوللىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  يەتتىنچىسى: ھاراق ئىچىشنى چەكلەپ تۇرالايدىغان بولىدىكەن.

  شۋېتسىيەدىكى ئۈچ مىليون 200 مىڭ نەپەر قاتناشقۇچىغا چېتىشلىق يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، توي قىلىش ئەر-ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىش ئېھتىماللىقىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %60 ۋە %70 تۆۋەنلىتىدىكەن. توي قىلىشنىڭ «ھاراقكەشلىك جەمەت تارىخى» بار كىشىلەرگە بولغان پايدىسى تېخىمۇ زور بولىدىكەن.

  سەككىزىنچىسى: سۆڭەك تىخىمۇ قاۋۇل بولىدىكەن.

  ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، توي قىلغان ئەرلەرنىڭ سۆڭىكىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى بويتاق ۋە ئاجرىشىپ كەتكەن ئەرلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىكەن. ئېرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئاياللارنىڭ سۆڭىكىمۇ قاۋۇلراق بولىدىكەن.

  توققۇزىنچىسى: ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن بولىدىكەن.

  بۇ يىل يىل بېشىدا ئېلان قىلىنغان، گۇاڭجۇدىكى تەتقىقاتچىلار تاماملىغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، توي قىلىش ئۈچەي راكى بىمارلىرىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. مەيلى ئەرلەر بولسۇن ياكى ئاياللار بولسۇن, توي قىلمىغان ۋە ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى توي قىلغانلارغا قارىغاندا %37 يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئونىنچىسى: ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئامېرىكا پىتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، بويتاق ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، توي قىلىپ بولغان بەخىتلىك ئاياللارنىڭ ئۇيقۇ مەسىلىسى تېخىمۇ ئاز ئىكەن. مەيلى ھاراق ئىچىش ئەھۋالى، كوففېئىن قوبۇل قىلىش ئەھۋالى، جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى قانداق بولمىسۇن، توي قىلىپ بەختلىك ئۆتىۋاتقانلار ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن. ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەنپەئەتلىنىشى ئەڭ روشەن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر