خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئىيۇن، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى ئۆرپ-ئادەت خەلقئارا مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، 24 دۆلەتتىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى، ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
ئىگىلەشكە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت بايرىمى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسى، ئۆزگىچە تاۋارلارنى يىغىپ ساقلاش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلىدىكەن. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپنىڭ ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇش، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتكە بولغان تونۇش تۇيغۇسى ۋە مەكتەپكە بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ۋە مەكتەپ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ كىرىش مەقسەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشىنى ئۆستۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە ئالماشتۇرۇشنى ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى